شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلار بۇنىڭدىن 6 ئاي بۇرۇن تارقاقلاشتۇرۇۋېتىلگەن

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"نى كەلتۈرۈپ چىقارغان شاۋگۈەن "26 ‏- ئىيۇن ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىقى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنى باشقا زاۋۇتلارغا تارقاقلاشتۇرغان. رادىئومىزنىڭ شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى خىتاي ئىشچىلاردىن ئىگىلىشىچە، ھازىر مەزكۇر زاۋۇتتا ھېچبىر ئۇيغۇر ئىشچى قالمىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئىشچىلار بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن يۆتكەپ كېتىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇلارنى بىر مەزگىل نەزەربەنت ئاستىدا تۇتقاندىن كېيىن، يەنە شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا قايتىپ كېلىپ ئىشلەشكە مەجبۇرلىغان ئىدى. لېكىن شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى خىتاي ئىشچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 800 دەك ئۇيغۇر ئىشچى بۇ يىل چاغان بايرىمىدىن بۇرۇن تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، بىر قىسىمى جۇ جياڭ دېلتىسىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يەنە بىر قىسىمى باشقا ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ كېتىلگەن، بەزىلىرى "شىنجاڭ"غا قايتىپ كەتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قەشقەر يەرلىك دائىرىلىرى شاۋگۈەندىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلىگەن ئۇيغۇرلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىنى چەكلىگەن.

تولۇق بەت