قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم سېكرېتارى شى داگاڭ ئاپتونوم رايونغا مۇئاۋىن رەئىس قىلىپ ئۆستۈرۈلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنى 29-قېتىملىق يىغىن چاقىرىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم سېكرېتارى شى داگاڭنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ئۈستۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-07-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ئورۇنلاشتۇرۇشى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ يۇمشىشىنى ئارزۇ قىلغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىگە سوغۇق سۇ سەپكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى رىياسەتچىلىك قىلغان جۈمە كۈنكى يىغىندا شى داگاڭدىن سىرت يەنە، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى جۇ چاڭجيې مۇئاۋىن رەئىسلىككە ئۆستۈرۈلگەن. جۇ چاڭجيې 2009-يىلى 9-ئايدا «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان سابىق ج خ نازارى ليۇ ياۋخۇانىڭ ئورنىغا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم سېكرىتارلىقىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن ئىدى.

بۇ ئىككى شەخسنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىككە ئۆستۈرۈلۈشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شى داڭگاڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان 2005‏-يىلى يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان. ئۇ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ باشلىقىغا تېلېفون قىلىپ، يازغۇچىغا بېرىلىدىغان 5 يىللىق قاماق جازاسىنى 10 يىلغا ئۇزارتىشنى بۇيرۇغان.

كۆزەتكۈچىلەر يەنە، شى داگاڭنىڭ قەشقەر قەدىمى شەھەر رەستىلىرىنى چېقىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش پىلانى قاتارلىق قەشقەر خەلقىنى تارقاقلاشتۇرۇش، نوپۇسىنى كونترول قىلىش، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ چىقىرىلىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت