ئەنگلىيە شىمالىي ئېرلاندىيىدىكى 'قانلىق يەكشەنبە' ۋەقەسىنى ئېتىراپ قىلدى

1972 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 30 ‏- كۈنى شىمالىي ئېرلاندىيىدە ئەنگلىيىنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن. ئەينى چاغدا نامايىش يامان غەرەزلىك دەپ قارىلىپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-06-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يەنى ئەنگلىيە ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، 13 كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە 14 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان. مەزكۇر ۋەقە تارىختا "قانلىق يەكشەنبە" ۋەقەسى دەپ خاتىرىلەنگەن.

بۈگۈن ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامېرون مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، ۋەقەدە ئەنگلىيە تەرەپنىڭ ھەقسىزلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىغان. ئۇ ۋەقەدە ئوق چىقارغانلارنى ئاقلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ پۈتۈنلەي گۇناھسىز ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى، نامايىشچىلار تېخى تەھدىت شەكىللەندۈرمەي تۇرۇپ، ساقچىلارنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق كۈچ قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىمالىي ئېرلاندىيە نۆۋەتتە ئەنگلىيە ھاكىمىيىتى ئاستىدا، ئەمما ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخىغا ساھىپ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت