شىمالى كورىيىنىڭ ئۇرۇشچى ئايروپىلانى خىتايغا چۈشۈپ كېتىپ گۇمران بولدى

جەنۇبىي كورىيە يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇشەن شەھىرىگە چۈشۈپ كېتىپ پاچاقلانغان ئايروپىلان، دەل شىمالىي كورىيىنىڭ م گ 21 بەلگىلىك ئۇرۇشچى ئايروپىلانى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-08-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ يىجۇ ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئۇچقۇچىلىرىنى ئادەتتە يالۇجاڭ دەرياسى ئەتراپىدا مەشق قىلغۇزۇپ تۇرىدۇ، ئەمما ئۇچقۇچىلىرىنى 'ئايروپىلاننى ئېلىپ سىرتقا قېچىپ كېتىدۇ' دەپ گۇمان قىلىپ، ئايروپىلانغا ئازلا يېقىلغۇ قاچىلاپ بېرىدۇ.

11 - ئايدا، شىمالىي كورىيە پۇل ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تېخىمۇ ناچارلاشتى. شىمالىي كورىيە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىدىن چەتئەللەرگە قېچىش يولىنى تاللىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. شىمالىي كورىيىنىڭ خىتايغا چۈشۈپ كەتكەن بۇ ئۇرۇشچى ئايروپىلانىنىڭ يۆنىلىشىدىن قارىغاندا، ئۇچقۇچى ئايروپىلاننى ئېلىپ رۇسىيىگە قاراپ قاچقانلىقىدا ۋە يېقىلغۇ تۈگەپ كېتىپ گۇمران بولغانلىقىدا شەك يوق.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن، 'دۆلەت تەۋەلىكى نامەلۇم' بىر ئايروپىلان لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇشەن شەھىرىگە چۈشۈپ كېتىپ گۇمران بولدى، ئۇچقۇچى ئۆلدى، خىتاي تورالغۇلىرىدىن بىر ئۆي زەخمىلەندى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت