شىمالىي كورىيىدە كىم جوڭئىلنىڭ كەنجى ئوغلى كىم جوڭ ئۇن ھەربىي باش قوماندان بولۇپ تەيىنلەنگەن

شىمالىي كورىيە دۆلەت رەھبەرلىكىنىڭ ۋارىسلىق مەسىلىسى يېقىندىن بېرى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن. شىمالىي كورىيە ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۈگۈن شىمالىي كورىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا، نۆۋەتتىكى دۆلەت رەھبىرى كىم جوڭئىل پارتىيىنىڭ باش سېكرېتارلىقىغا قايتىدىن تەيىنلەنگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-09-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇ، قۇرۇلتاي ئېچىلىشنىڭ ئالدىدا ھەربىي ساھەدىكى بىر قاتار مۇھىم ۋەزىپە قاتلاملىرىدا تەڭشەش ئېلىپ بارغان. تەڭشەشتە، ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى كىم جوڭ ئۇن شىمالىي كورىيە خەلق ئارمىيىسىنىڭ باش گېنېرالى قىلىپ تەيىنلىگەن.

بۇ، "شىمالىي كورىيە كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 3 - ئەۋلاد كىم ئائىلىسىگە ئۆتكۈزۈلۈشى" دەپ قارالماقتا. بۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلار، كىم جوڭ ئۇننىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى ھەققىدە خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ پوزىتسىيىسىنى سورىغان. خىتاي باياناتچى بۇ سوئالغا "بۇ شىمالىي كورىيىنىڭ ئىچكى ئىشى" دەپ جاۋاب قايتۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت