شىمالىي كورىيە جەنۇبىي كورىيىگە ھۇجۇم قىلىپ ئىككى ئەسكەرنى ئۆلتۈردى

شىمالىي كورىيە ئارمىيىسى بۈگۈن جەنۇبىي كورىيىنىڭ غەربىدىكى ھەربىي بازىغا زەمبىرەك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئىككى نەپەر ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 17 ئەسكەرنى يارىلاندۇرغان.
شۆھرەت ھوشۇر
2010-11-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھۇجۇمدا يەنە 3 نەپەر پۇقرا ئۆلگەن ۋە ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئون نەچچە قورو -جايىغا ئوت كەتكەن. رويتىرېسنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھۇجۇم 1953 ‏-يىلى شىمالي كورىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئەڭ قاتتىق ھۇجۇم ھېسابلىنىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يېرىم ئەسردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئۇرۇش كەيپىياتى ھېچقاچان پەسەيگەن ئەمەس؛ تېخى بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدا جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىر دېڭىز ئارمىيە پاراخوتى شىمالىي كورىيە تەرىپىدىن چۆكتۈرۈۋىتىلگەن ۋە 46 ئەسكەر ئۆلگەن؛ بۇنىڭ بىلەن كورىيە ئارىلى ۋەزىيىتى يەنە بىر قېتىم جىددىيلىشكەن؛ ئەمما ئۇ قېتىمدا شىمالىي كورىيە ۋەقەنى ئۆزلىرىنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى.

نۆۋەتتە، جەنۇبىي كورىيىدە 28 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى مەۋجۇت؛ بۈگۈن ئاقساراي باياناتچىسى شىمالىي كورىيىنىڭ مەزكۇر ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، شىمالىي كورىيىنى زورۋانلىقنى توختىتىشقا چاقىردى ۋە ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيىنى قوغداش ۋەدىسىنى تەكرارلاپ ئۆتتى.

 خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بولسا، تەرەپلەرنى رايوننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن پىداكارلىق كۈرسىتىشكە چاقىرىش بىلەن بىللە، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى تېز باشلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ۋەقەگە تەرەپسىز پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا، شىمالىي كورىيىنىڭ، يۇقىرىقىدەك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە ئاساسلىقى خىتاينىڭ قوللاشلىرىدىن جاسارەت ئېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت