خىتاي ئەمەلدارلىرى شىمالىي كورىيە لىدىرى بىلەن ئۇچراشتى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى بۈگۈن شىمالىي كورىيىنىڭ لىدىرى كىم جوڭئىل بىلەن پايتەخت پيۇڭياڭدا ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ رەھبەرلەرنىڭ ئۇچراشقانلىقىنى دەلىللىگەن، ئەمما ئۇچرىشىشتا نېمىلەر دېيىلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2010-12-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىگە ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتىشى ئۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ شىمالىي كورىيە مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. چۈنكى شىمالىي كورىيىنىڭ 23- نويابىردا جەنۇبىي كورىيىنىڭ ھەربىي بازىسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتتىن، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىن خىتايغا قارىتىلغان بېسىم ئارتقان ئىدى. ئەيىبلەشلەر بىردەك خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىگە قارىتا ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىكىنىڭ شىمالىي كورىيىنى يۈرەكلەندۈرۈۋاتقانلىقىدەك نۇقتىغا مەركەزلەشكەن.

ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى مايك موللېن بۇ ھەقتە " شىمالىي كورىيىنىڭ بۇنداق ھەدىدىن ئېشىپ كېتىشىدە خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قىلىۋاتقان مەسئۇلىيەتسىزلەرچە مۇئامىلىسىنىڭ زور تەسىرى بار" دەپ ئېيتقان. خىتاي دائىرىلىرى بولسا ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، " كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى قورال ياكى بېسىم ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى" نى ئېيتقان ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي - شىمالىي كورىيە رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدا ياخشى نەتىجە ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت