شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار شۋېتسىيىنىڭ سايلام تەييارلىق پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلماقتا

19 - سېنتەبىر كۈنى شۋېتسىيىدە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلمەكچى. نۆۋەتتە شۋېتسىيىدە داۋام قىلىۋاتقان سايلام تەييارلىق پائالىيەتلىرىگە شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئاكتىپ قاتناشماقتا. ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى، شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان ۋە قوللايدىغان پارتىيە ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى قوللىماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-09-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 3 -ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ 10 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ 10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ Annelie Enochson ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.

RFA Photo / Shohret Hoshur

تۈنۈگۈن شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى 10 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇرلارنى 10 يىلدىن بېرى قوللاپ كېلىۋاتقان، Annelie Enochson خانىمنىڭ سايلام رايونىغا بېرىپ، ئۇنىڭ سايلام تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ھەمكارلاشقان.

ئۇلار بۇ جەرياندا 3000 دىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋارىقىنى مەزكۇر رايوندا تارقاتقان. ئۇيغۇر ھەيئەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرىدىن مەمنۇن بولغان، Annelie Enochson خانىم، ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش ئىشىنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، نوبېل مۇكاپاتىنى ئالغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 3 -ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ 10 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ 10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ Annelie Enochson ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 3 -ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ 10 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ 10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ Annelie Enochson ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﻼﻡ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ. RFA Photo / Shohret Hoshur

شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى يەنە ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە، شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان يېشىللار پارتىيىسىنى قوللاپ، ستوكخولۇمدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقچى.

تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا نۆۋەتتە شۋېتسىيىدە 700 گە يېقىن ئۇيغۇر ياشايدۇ. بۇنىڭ 100گە يېقىنى شۋېتسىيە ۋەتەندېشى؛ شۇڭا ئۇلار، سايلامنىڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت