سىچۇەندىكى يەر تەۋرەشتە يوقاپ كەتكەن 18 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ھازىرغىچە ئىز - دېرىكى يوق

سىچۇەندە يەر تەۋرەپ، ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، 18 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ تېخىچە ئىز - دېرىكى ئېلىنمىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2008 - يىلى 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سىچۇەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 68 مىڭ 712، ھېچقانداق ئىز - دېرىكى بولمىغانلارنىڭ سانى 17 مىڭ 921 نەپەر دەپ ئېلان قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-05-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى چىقارغان قانۇنغا ئاساسەن ئىز - دېرىكى بولمىغان كىشىلەرنى "ئۆلگەن" دەپ تىزىمغا ئالدۇرۇشقا بولسىمۇ، ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ تۇغقانلىرى ئۇلارنى ئۆلدى دەپ تىزىمغا ئالدۇرۇشقا يېقىن كەلمىگەن.

سىچۇەندىكى ئاپەت رايونىدا خىزمەت قىلىۋاتقان قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ پىسخولوگىيە دوختۇرى خەي لەننىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ كىشىلەر ھېلىھەم يوقاپ كەتكەن يېقىنلىرىنىڭ بىر كۈنى قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل ئېنىقسىزلىق ئىشنى تېخىمۇ قېيىنلاشتۇرماقتا ئىكەن.

سىچۇەندىكى ئاپەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە كۆپ بولۇشى، خىتايدىكى باشقا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىمۇ سۇ يۈزىگە ئەپ چىققان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى ئاپەتكە دائىر نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى يەنىلا قاتتىق قامال قىلماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى سىچۇەندىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىغا دائىر ئەڭ يېڭى سىتاتىستىكىسىنى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت