رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيىنى پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىدە مالايشىياغا ئىشىنىپ كەتمەسلىككە ئۈندىدى

ئاۋسترالىيىدە پائالىيەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىسى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن يەنى 7-ئۆكتەبىر كۈنى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قىلغان سۆزىدە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى سىياسىي پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىدە، مالايشىياغا بەك ئىشىنىپ كەتمەسلىككە، يەنى بۇ ساھەدە مالايشىيا بىلەن ھەمكارلاشقاندا ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-10-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىگە كېلىۋاتقان سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانىنى چەكلەش ئۈچۈن، سىياسىي پاناھلىق مەقسىتىدە ئاۋسترالىيىگە كەلگەن ۋە كېلىش سەپىرىدە تۇتۇلغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى مالايشىياغا يۆتكەش ۋە ئۇ جايدا سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى ب د ت تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن ئاۋسترالىيىگە كۆچۈرۈپ ئەكېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.

مالايشىياغا 300 مىليون دوللار ئىقتىسادى كىرىم ئېلىپ كېلىدىغان بۇ تۈزۈم بۇ يىل 5-ئايدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە ئىجرا قىلىنماقتا ئىدى. ئاۋسترالىيىدىكى ئابچ رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رابىيە خانىم ئاۋسترالىيىنى ئاگاھلاندۇرغاندا، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا 11 نەپەر ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋەتكەنلىكىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتتى.

رابىيە خانىم خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئۈن-تىنسىز غايىب بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە نۆۋەتتە خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇلارنىڭ تەقدىرىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مالايشىيانىڭ مانا مۇشۇنداق جىددىي بىر مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بويۇن ئېگىپ، خەلقئارا ئەھدىنامىلەرنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە خانىم بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىنىڭ جىددىيلىكىنى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ قايتىدىن سەمىگە سالدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت