سۈرىيىنىڭ يەنە ئىككى گېنېرالى تۈركىيىگە قېچىپ كەلگەن

تۈركىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جۈمە كۈنى كەچتە سۈرىيىنىڭ ئىككى برىگادا گېنېرالى تۈركىيىگە قېچىپ كەلگەن. ئۇلار بىلەن يەنە 10 نەچچە ئادەم بىرلىكتە كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قانچە پولكوۋنىكلار ۋە باشقا ھەربىي خادىملار بارىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-07-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


شۇنىڭ بىلەن تۈركىيىگە قېچىپ كەلگەن سۈرىيە گېنېراللىرىنىڭ سانى 24 كە يەتكەن.

سۈرىيە ھۆكمىتى ئۆتكەن 16 ئايدىن بۇيان نامايىشچىلار ئۇستىدىن ئېلىپ بارغان شىددەتلىك باستۇرۇشلاردا 17 مىڭ ئادەم ئۆلگەن ۋە مىڭلىغان ئادەم سۈرىيىنى تاشلاپ مۇساپىر بولۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. بۇلاردىن نۆۋەتتە 43 مىڭ سۈرىيىلىك مۇساپىر تۈركىيىدە پاناھلانماقتا.

پەيشەنبە كۈنى ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيىنى جازالاش قارارى خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ قارشى ئاۋاز بېرىش بىلەن يەنە قوبۇل قىلىنمىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت