رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنى رەت قىلىشى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ پەيشەنبە كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنى رەت قىلىشى غەرب ئەللىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئاقساراي باياناتچىسى جېي كارنېي ئامېرىكا ب د ت نىڭ 20‏-ئىيۇل توشىدىغان سۈرىيىدىكى كۆزەتكۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۇزارتىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ قارار لايىھىسىنى رەت قىلىشى «ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق» ۋە «ناھايىتى بەختسىزلىك» دەپ كۆرسەتتى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-07-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جېي كارنىي، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ سۈرىيە خەلقى، رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىق مەسىلىسىدە خاتا يەردىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: ئۇلار ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق قارار ئالدى، دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جېي كارنىي يەنە، باشار ئەسەد ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئەسەد ئۆكتىچىلەرگە قارشى خىمىيىلىك قورال ئىشلەتسە، جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىللىيام خېيگ خىتاي بىلەن رۇسىيىنى تەنقىدلەپ، ئۇلارنىڭ قارار لايىھىسىنى رەت قىلىشى«باھانە سەۋەب كۆرسىتىپ، ئۆزنى ئاقلاپ بولالمايدىغان» ھەرىكەت، دەپ كۆرسەتكەن.

فرانسىيىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گېرارد ئارئودنىڭ سۆزى تېخىمۇ كەسكىن بولۇپ، ئۇ: تارىخ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ ۋە ئۇلارغا باھا بېرىدۇ، دېگەن.

بىراق خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى باۋدوڭ خىتايغا قارىتىلغان تەنقىدنى «ئاساسسىز» دەپ رەت قىلىپ، قارار لايىھىسى ماقۇللانسا بۇ سۈرىيىدىكى قالايمىقانچىلىقنى ئىلگىرىلەپ ئۇلغايتىپلا قالماي، رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرگە كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان قارار لايىھىسىنى ئەنگلىيە ھازىرلىغان بولۇپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتى زوراۋانلىقنى توختاتمىسا، ب د ت نىزامنامىسىنىڭ7‏-ماددىسىنى ئىشقا سېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گەرچە ئامېرىكا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خەۋپسىزلىك كېڭىشى جۈمە كۈنى ب د ت نىڭ سۈرىيىدىكى كۆزەتكۈچىلىك ۋەزىپىسىنى يەنە 30 ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت