خىتايدا زەھەرلىك سۈت مەھسۇلاتلىرى يەنە باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى

خىتايدا زەھەرلىك سۈت مەھسۇلاتلىرى يەنە باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان. خىتاي ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، ۋەقە خۇنەن ئۆلكىسى شاڭفەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى زەھەرلىك ماددا مېلامىن قوشۇلغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىزدەشكە باشلىغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2010-11-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
"خىتاي گېزىتى" دىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەت مەسىلە قوناق تەملىك سۈت قوشۇلغان ئىچىملىكتە كۆرۈلگەن.

مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى مەزكۇر ئىچىملىك ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئىچىملىك تەركىبىدىكى خىمىيىلىك ماددا مېلامىننىڭ مىقدارى ئادەتتىكىدىن يۇقىرى چىققان.
نۆۋەتتە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ خىل ئىچىملىكنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان.

ھالبۇكى، قانچە ئادەمنىڭ بۇ ئىچىملىكنى ئىچكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم.

خىتايدا 2008- يىلى زەھەرلىك ماددا مېلامىن قوشۇلغان سۈت پاراشوكى ۋەقەسى كېلىپ چىققان بولۇپ، ۋەقەدە 300 مىڭ بوۋاق كېسەل بولغان ۋە 6 بوۋاق ئۆلگەن ئىدى.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت