تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمامەلى راھمان ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇپ، پەخرىي پروفېسسور بولدى

تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمامەلى راخمان 17 - ئىيۇندىن 19 - ئىيۇنغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولغان. تاجىكىستان ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېمامەلى راخماننىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى تىپىك خىزمەت زىيارىتى بولۇپ، ئاساسلىقى تاجىكىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن سودا - ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغان ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-06-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېمامەلى راخمان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشكەن.

بۇ، جاڭ چۈنشەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارلىقىغا تەيىنلىنىشى ۋە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلدۇرۇش، بولۇپمۇ قەشقەر شەھىرىنى خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىكى شېنجېنغا ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيسىنى بەلگىلىگەندىن بۇيان چەتئەل پرېزىدېنتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىغا تەكشۈرۈشكە كېلىشىدۇر.

ئېمامەلى راخمان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ھەمدە ئۇنىڭغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن.
 
مەلۇمكى، ئېمامەلى راخمان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇق شەرىپىگە ئېرىشىشتىن بىر يىل ئىلگىرى، يەنى ئۆتكەن يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، ئوخشاشلا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ھەمدە ئۇنىڭغىمۇ پەخرىي پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن ئىدى. ئەنە شۇ كۈنلەردە، يەنى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان شاۋگۈەن ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت