تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى كۆرۈنەرلىك ھالدا ئازلاپ كەتكەن

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تارىم ۋادىسىدا، بولۇپمۇ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، سۇ مىقدارىمۇ بۇلتۇرقىدىن كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەنلەپ كەتكەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-04-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تارىم دەرياسىنىڭ ئۈچ چوڭ مەنبەسى بولغان ئاقسۇ دەرياسى، زەرەپشان ۋە خوتەن دەرياسىدىن كېلىدىغان ئومۇمىي سۇ مىقدارى ئازلاپ كەتكەنلىكتىن تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 11 پرسەنت ئازىيىپ كەتكەن.

سىتاتىستىكىلارغا قارىغاندا، 2009 - يىلى 10 - ئايدىن بۇ يىل 3 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈچ چوڭ دەريادىن تارىم دەرياسىغا قۇيۇلغان سۇنىڭ مىقدارى 2 مىليارد 900 مىليون كۇبمېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 360 مىليون كۇب مېتىر تۆۋەن ئىكەن. زەرەپشان ۋە خوتەن دەرياسىنىڭ سۈيىمۇ بۇلتۇرقىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 6 پىرسەنت ۋە 12 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەن.

خەۋەردە يەنە ئاقسۇ، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

گەرچە، خىتاي دائىرىلىرى خەۋەردە تارىم ۋادىسىدا مۇددەتتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا چىققان قۇرغاقچىلىقنى كلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر تارىم دەرياسىنىڭ سۇيىنىڭ ئازلاپ كېتىشىگە، تارىم دەرياسى قاتارلىق ئاساسلىق سۇ مەنبەلىرىنىڭ بويىغا زىچ ئولتۇراقلاشقان بىڭتۇەننىڭ پۈتۈن سۇنى كونترول قىلىۋېلىپ، سۇنى قالايمىقان ئىشلىتىشى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تولۇق بەت