شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستاندىكى ئامانلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە باشلىدى

يەكشەنبە كۈنى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قوشۇنلىرى جايلارنىڭ ئامانلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى يەرلىك ئافغانىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە كىرىشتى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011-07-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەسلەپكى قەدەمدىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش بامىيان ئۆلكىسىدە ئۆتكەن بولۇپ، مۇراسىمغا ئافغانىستاننىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى، چەتئەل دىپلوماتلىرى ۋە مۇخبىرلىرى قاتناشقان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك تېلېۋىزىيە ۋە مەتبۇئاتلاردا كۆپ تەشۋىق قىلىنمىغان.

بامىيان ئۆلكىسى بۇ يىل 3-ئايدا پرېزىدېنت ھامىد كارزاي ئېلان قىلغان ئامانلىق ساقلاش ۋەزىپىسى ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان يەتتە جاينىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر جاينىڭ ئامانلىقىنى ئاساسلىقى ناتونىڭ تەركىبىدىكى يېڭى زېنلاندىيە قوشۇنلىرى ساقلىغان . بىراق ئامانلىق ساقلاش ۋەزىپىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ بۇ جايدا يېڭى زېنلاندىيە قوشۇنلىرى داۋاملىق تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئافغانىستان ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولىدىكەن.

يەرلىك ئاھالىلەر بۇ جاينىڭ ئامانلىق ساقلاش ۋەزىپىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن بۇ يەردىكى ئامانلىق ئىشلىرىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بۇ يەردىكى 50% ئاھالىنىڭ ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەن. بۇ ناتو كۈچلىرى ئامانلىقنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بىرىنچى جاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تولۇق بەت