تەيۋەن كىنو فېستىۋالىدا رابىيە خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمىنى قويۇشنى قارار قىلدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن كىنو فېستىۋالىنى ئۇيۇشتۇرىۋاتقان ليۇ ئەپەندى بۈگۈن، تەيۋەندىكى ئىككىجى چوڭ شەھەر -- گاۋشۇڭ شەھىرىدە 10 ‏ - ئاينىڭ 16 ‏ - كلۈنىدىن 29‏ - كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان كىنو فېستىۋالىغا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن 'مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى' ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تاللانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-09-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، يېقىندا گاۋشۇڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى چېن چۇ ئەپەندى تىبەتنىڭ دىنى داھىسى دالاي لامانى تەيۋەندە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سوراش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىپ، تەيۋەن بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك يۈز بەرگەن ئىدى.

گاۋشۇڭ كىنو فېستىۋالىنىڭ بۈگۈنكى قارارى، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى 'جىنايەتچى' دەپ تەرىپلەۋاتقان رابىيە خانىم ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى تاللىغانلىقى، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ چوڭ جىددىيلىك پەيدا قىلىدىغانلىقى ئېنىق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت