تەيۋەن رابىيە خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تەيۋەن دائىرىلىرى جۈمە كۈنى ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ تەيۋەنگە كىرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-09-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەيۋەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جياڭ يۈيخۇا جۈمە كۈنى، تەيۋەن پارلامېنتىدا قىلغان سۆزلىگەن سۆزىدە " بىز، رابىيە قادىرنىڭ زىيارىتىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپكە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ تەيۋەنگە كىرىشىگە يول قويماسلىقنى قارار قىلدۇق" دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى "بىر تېررورچى تەشكىلات بىلەن يېقىن ئالاقىسى بار"، دەپ تەكىتلىگەن جياڭ يۈيخۇا " بىز تېررورىزم كۆلەڭگۈسىنىڭ تەيۋەنگە چۈشۈشىنى خالىمايمىز" دېگەن.

جياڭ يۈيخۇانىڭ سۆزى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا بايانات ئېلان قىلىپ، " بىز بۇ مىنىستىرنىڭ پۈتۈنلەي پاكىتسىز بۇ سۆزلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. بىز ئۇنى سۆزىنى قايتۇرۇۋېلىشقا چاقىرىمىز" دەپ تەكىتلىگەن.

رابىيە قادىر خانىم ئالدىنقى كۈنى تەيۋەنلىك سەنئەتچى فرەدىي لىننى قوبۇل قىلىپ، تەيۋەندىكى بەزى ئاممىۋى گۇرۇھلارنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ دېكابىردا تەيۋەننى زىيارەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى، تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە - دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. مەزكۇر پارتىيىنىڭ باياناتچىسى سىكاي چاۋ " بىز ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى سەۋەب قىلىپ، رابىيە قادىرنىڭ زىيارىتىنى رەت قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندۇق"، "بىز ھۆكۈمەتنى پۈتۈن دۇنيا رابىيە قادىرىنى تېررورىزم بىلەن باغلىمىسا، نېمە ئۈچۈن تەيۋەننىڭ تېررورىزمغا باغلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە چاقىرىمىز" دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت