تەيۋەن باش مىنىستىرى رابىيە خانىمنىڭ مۇۋاپىق بىر مەزگىلدە تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ دۇنيى شەرت - شارائىت پىشىپ يېتىلسە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-10-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەيۋەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تېررورچى گۇرۇھلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رابىيە خانىمغا ۋىزا بەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

رابىيە خانىم بولسا تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا "تۆھمەت قىلىش جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلەپ، تەيۋەن يەرلىك سود مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

باش مىنىستىر ۋۇ دۇنيى، رابىيە خانىم تەيۋەن كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئىلگىرى ئويلاشقان ئامىللاردىن خالى بولسا، ئۇنىڭ مۇۋاپىق بىر پەيتتە تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلسا ياكى ئۇ ئۆز ئورنىدا قېلىپ، رابىيە خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن ئايرىلسا ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىلىدىغانلىقى، چۈنكى دولقۇن ئەيسانىڭ تېررورلۇق خاھىشىدىكى گۇرۇھلار بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت