تەيۋەنلىك سودىگەر ئىرانغا بومبا زاپچاسلىرى ساتقانلىقى ئۈچۈن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

جۈمە كۈنى ئامېرىكا سوتى بىر تەيۋەنلىك سودىگەرنى ئىرانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپچاسلىرى ساتقانلىقى ئۈچۈن 3 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-08-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ يىل 40 ياشلىق تەيۋەنلىك سودىگەر چېن يىلەن ئىرانلىق سودىگەرگە 2007 - يىلىدىن بۇيان ھەربىيدە ئىشلىتىدىغان چاتقۇچ ۋە باشقا چەكلەنگەن بۇيۇملارنى 30 نەچچە قېتىم يوللىغان ئىكەن.

ئامېرىكا قانۇنى بويىچە چېن يىلەنگە ئەسلى 20 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىشى كېرەك ئىكەن. ھالبۇكى سوتچى ئادالبېرتو جوردان چېننىڭ بۇرۇن جىنايەت سادىر قىلمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازانى 3 يېرىم يىلغا چۈشۈرگەن.

چېن بۇ يىل فېۋرالدا گۇئامدا ئىرانغا مال سېلىۋاتقان نەق مەيداندا قولغا چۈشكەن. ئۇ ئەسلى بۇ خىلدىكى ماتېرىياللارنى خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنگە ساتىمەن دەپ سېتىۋالغان ۋە ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرىنى ئالداپ ئىرانغا يوللىغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت