خىتايدا تىز سۈرەتلىك بىر پويىز ھادىسىدە 11 ئادەم ئۆلگەن

خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى تەۋەسىدە شەنبە كۈنى تىز سۈرەتلىك بىر پويىز يەنە بىر پويىز بىلەن سوقۇشۇپ 11 ئادەم ئۆلگەن، 89 ئادەم يارىلانغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە يەرلىك  ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلغان. ئەمما ھادىسىنىڭ تەپسىلاتىنى خەۋەر  قىلمىغان. خەۋەرگە قارىغاندا، ھادىسىدە يۇقىرى سۈرەتلىك بۇ پويىزنىڭ ئىككى ۋاگونى كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كەتكەن.

خەۋەردە يۇقىرى سۈرەتلىك پويىز بىلەن سوقۇشقان يەنە بىر پويىزنىڭ 4 ۋاگونى  رېلىستىن چىقىپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن، ئەمما تەپسىلاتى بېرىلمىگەن.

پويىز خاڭجۇدىن ۋېنجۇغا قاراپ يولغا چىققان ئىكەن. ھادىسە شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 8:34 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىپ ئېلىپ بارماقتا ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت