تىبەتلەر يېڭى دېھلىدا نامايىش قىلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ھىندىستاندىكى تىبەت مۇساپىرلىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى پەيشەنبە كۈنى يېڭى دېھلىنى زىيارەت قىلىپ، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىشنا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندا خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-03-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

لېكىن ھىندىستان ساقچىلىرى تىبەت نامايىشچىلىرىنىڭ تەرتىپنى بۇزغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئون نەچچە كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. كرىشنا بىلەن ياڭ جيېچى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى زېمىن مەسىلىسى، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپى قاتارلىق نازۇك مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

خىتاي ھىندىستاننىڭ پارادىش شتاتىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقنى رەت قىلىپ، پارادىش شتاتى تىبەتنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، ھىندىستان بىلەن ۋيېتنام ئارىسىدا ئىمزالانغان جەنۇبىي دېڭىز نېفىت قىدىرىش كېلىشىمى، بۇ رايوندا ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى قىلىۋاتقان خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سەيد ئاقبارۇدېننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى تەرەپ دېڭىز ھەمكارلىق دىئالوگى ئېلىپ بېرىشكە قوشۇلغان.

ياڭ جيېچى تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، تىبەت ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتكەن بىر مەزگىلدە ھىندىستاننى زىيارەت قىلغان ئىدى.

شۇ كۈنى يەنە، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسى جا چىڭلىن دالاي لامانى تەنقىدلەپ، تىبەتتىكى «قالايمىقانچىلىق» نى ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، بىراق 2001‏-يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن 9 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت