شەرقىي تىبەتنىڭ چامدو رايونىدىكى بىر ھۆكۈمەت بىناسىدا پارتلاش يۈز بەردى

تىبەتنىڭ شەرقىدىكى چامدو رايونىنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى بىر ھۆكۈمەت بىناسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن. لېكىن پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلارنىڭ يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-10-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رادىئومىز تىبەت بۆلۈمىنىڭ تىبەت سەرگەردان پارلامېنت ئەزاسىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، چامدودىكى خىتاي ھۆكۈمەت بىناسىدا يۈز بەرگەن پارتلاش چارشەنبە كۈنى روي بەرگەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەزكۇر پارلامېنت ئەزاسى ۋەقەدە «ئادەم چىقىم بولغانلىقىغا دائىر مەلۇمات يوقلۇقى»، چۈنكى پارتلاشنىڭ «بىنادا ئادەم قالمىغان كېچىدە يۈز بەرگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ۋەقە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنمىغان. چامدودىكى يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ، «پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاپ باقمىغانلىقى» بىلدۈرگەن. ئەگەر پارتلاش ۋەقەسى راست بولسا، ۋەقەنىڭ كىملەر تەرىپىدىن، قانداق مۇددىئا بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى قىزىقتۇرىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.

تىبەت سەرگەردان پارلامېنتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان پارلامېنت ئەزاسى يەنە، پارتلاش يۈز بەرگەن بىنانىڭ «تېمىغا قىزىل رەڭدە تىبەت مۇستەقىللىقىغا چاقىرىدىغان شوئار يېزىلغانلىقى، تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنىڭ تارقىتىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر ئەگەر بۇ ۋەقەنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانسا، بۇنىڭ يېقىندىن بۇيان بەزى تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش سەۋەبىدىن جىددىيلىشىپ كەتكەن تىبەت-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرىلەپ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت