تىبەت راھىبلىرى ئۆزلىرىنى كۆيدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

بۈگۈن سىچۈەننىڭ گەنزى رايونىدا يەنە بىر تىبەت راھىبى ئۆزىگە ئوت قويۇۋالدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ ئۆزىگە ئوت قويۇش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن تىبەت راھىبلىرىنىڭ سانى 10 غا يەتتى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-10-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تىبەت ئاۋازى تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن راھىب داۋا سېرىڭ كىرتى ئىبادەتخانىسىنىڭ راھىبى بولۇپ، ئۇ بۈگۈن يەرلىك ۋاقىت ئەتىگەن سائەت 9:30 لار ئەتراپىدا ئۆزىگە ئوت قويغان. ئەھۋالنى كۆرگۈچىلەر ئۇنىڭ ئوت ئىچىدە تۇرۇپ «روھانىي داھىيمىز دالاي لاما سۈرگۈندىن قايتىپ كەلسۇن، تىبەتلەر قايتىدىن جەم بولسۇن» دەپ شوئار توۋلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى ساقچىلار كېلىپ ئوتنى ئۆچۈرۈۋالغان بولسىمۇ، ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشنى رەت قىلىپ ساقچىلار بىلەن تىركەشكەن. بەدىنى خېلى ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلانغان داۋا سېرىڭنىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.

تىبەت راھىبلىرىنىڭ بۇ پاجىئەسى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت