خىتاي، تىبەت راھىبلىرىنىڭ يەر تەۋرەش رايونىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ئېگىزلىكىدىكى يۈشۇ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئاپەت رايونىغا كىرىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان تىبەت راھىپلىرىنىڭ يەر تەۋرەش رايونىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. يۇشۇ ناھىيىسىدە 7.1 بال يەر تەۋرەپ ئۇزۇن ئۆتمەي نەچچە مىڭلىغان تىبەت راھىبى دالاي لامانىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن يەر تەۋرەش رايونىغا كىرىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-04-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

لېكىن خىتاي دۆلەت كابىنتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا تىبەت راھىپلىرىنىڭ ئاپەت رايونىدىن قوغلانغانلىقىنى ئاقلاپ، "ئاپەت رايونىدىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاساسەن ئاخىرلاشتى. ئەمدىكى مۇھىم مەسىلە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇرۇلۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن كەسپىي خادىملارغا ئېھتىياج بار" دېگەن.

باياناتتا يەنە، تىبەت لامالىرىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىدىكى "ئاكتىپ تۆھپىسى"نى مۇئەييەنلەشتۇرۇدىغانلىقىنى، لېكىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ساقلاش ئۈچۈن ياقا يۇرتلۇق لامالارنىڭ يۇرتىغا قايتىشى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇشۇ ناھىيىسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بايانات ئېلان قىلىپ، "مەن راھىبلارنى دوستانە قوشنىدارچىلىقنى چىقىش قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قوللاشقا ۋە ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشقا چاقىرىمەن" دېگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، تىبەت راھىپلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان پۇقرالارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىدىكى پىداكارلىقى ئاپەت رايونىغا ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش ئەترىتى سۇ، يېمەك-ئىچمەك ۋە چېدىر يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئامالسىز قالغان خىتاي دائىرىلىرىنى بىئارام قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت