خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چىڭخەيدىكى يەر تەۋرىگەن تىبەتلەر رايونىغا كەلدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 18 - ئاپرىل كۈنى تىبەت ئېگىزلىكىدىكى چىڭخەينىڭ يۈشۇ رايونىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايغا كېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان بىر قىسىم كىشىلەردىن ھال سورىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010-04-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ بۇ جايغا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى بېيجىڭدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىپ، چىڭخەيدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

خۇ جىنتاۋ ئاپەتكە ئۇچرىغان جايغا بېرىپ، ئاھالىدىن ھال سوراشتىن ئىلگىرى تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن دۇئا - تىلاۋەت قىلغان ھەمدە ئۇلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جاي تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىغا تەۋە بولۇپ، يۈشۇ دالاي لاما تۇغۇلغان جايدۇر. بۇ يەردىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاھالە تىبەتلەر ئىدى.

شۇ ۋەجىدىن 17 - ئاپرىل كۈنى دالاي لامانىڭ دارامسالادىكى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، دالاي لامانىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان جايغا بېرىپ، ئاھالىدىن ھال سوراش تەلىپىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ تەلەپنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىغا مەلۇم قىلغان. بىراق، دالاي لامانىڭ بۇ تەلىپى ئورۇنلانماي تۇرۇپ، 18 - ئاپرىل كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئاپەت رايونىغا ئۆزى يېتىپ كەلگەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۈشۇدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1706 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئارتماقتا.

يوقاپ كەتكەنلەر 256 نەپەرگە يەتكەن، 12 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان. كۆزەتكۈچىلەر خۇ جىنتاۋنىڭ ئاپەت رايونىغا ئۆزى كېلىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ ئاپەت رايونىغا بېرىشىغا "يول قويمايدىغانلىقىنىڭ سىگنالى" دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت