تىبەت تەشكىلاتلىرى خەلقئارانى تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى

27-ئاۋغۇست سىچۈەننىڭ ئابىي رايونىدا يۈز بەرگەن يەنە ئىككى نەپەر تىبەت راھىبىنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدىكى تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارانى تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-08-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دارامسالادىكى تىبەت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باياناتچىسى سېرىننىڭ بۈگۈن رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابىي رايونىدا ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان لابساڭ ۋە دامچوك ئىسىملىك بۇ ئىككى نەپەر تىبەت راھىبى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۆلگەن. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئابىي رايونىدا جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، دۈشەنبە كۈنى كەچتە كىرتىي ئىبادەتخانىسىنىڭ باش راھىبى ۋە ئىككى نەپەر ياردەمچى خادىمىنى ئىبادەتخانىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان. دائىرىلەر يەنە ئۇچۇرنى قامال قىلىپ، ئابىي رايونىنىڭ سىرت بىلەن بولغان تېلېفون، ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن تىبەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ھەرىكىتى 2009-يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى بۈگۈنكى باياناتىدا، 2012-يىلى 27-ئاۋغۇستقا قەدەر 51 نەپەر تىبەتلىكنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت سىچۈەننىڭ ئابىي رايونىدىكى ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان تىبەتلەرنىڭلا 27 كىشىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت