تىبەت تەشكىلاتلىرى خەلقئارانى خىتاينىڭ تىبەتتە مۇقىملىقنى ساقلاش نامىدا ئەسكەر كۆپەيتكەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى

بۈگۈن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا، خىتاي دائىرىلىرى 2012-يىلى 23-يانۋار سىچۈەندە يۈز بەرگەن تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى، چەتئەللەردىكى دالاي لاما تەرەپدارلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن يۈز بەرگەن بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە تىبەت ئاپتونوم رايونىدا قوراللىق ئەسكەرلەرنى كۆپەيتىپ، تىبەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-02-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدىكى تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتى، ئەنگلىيە «ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئەسكەر كۆپەيتىۋاتىدۇ.

23-فېۋرال تىبەتلەرنىڭ يېڭى يىل بايرىمى. 10-مارت تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 53 يىللىق خاتىرە كۈنى. مۇشۇنداق شارائىتتا قوراللىق ئەسكەرلەرنىڭ تىبەتلەر رايونىدا كۆپەيتىلىشى، تىبەتتە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان يەنە بىر قېتىملىق باستۇرۇشنىڭ بېشارىتى. دۇنيا بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىشى كېرەك.» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

2011-يىلدىن بۇيان تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق، نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى كۆپەيگەن. ھەمدە بۇ يىل 23-يانۋار كۈنى سىچۈەننىڭ ئابا رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بېرىپ، بۈگۈنگە قەدەر 6 نەپەر تىبەتلىكنىڭ خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت