خىتاي دائىرىلىرى تىبەت ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى

دۈشەنبە كۈنى پارتلىغان تىبەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى تۈنۈگۈن گارزېنىڭ سېدا ناھىيىسىگە تۇتۇشۇپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ يەنە نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن رايوندىكى جىددىيلىك داۋام قىلماقتا.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-01-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىر سىچۈەننىڭ تىبەتلەر رايونىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەرنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىغىمۇ تۇتۇشۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، قاتتىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقى مەلۇم.

بىر قىسىم تىبەتلىكلەر ھازىر لىخاسادىكى مېھمانخانىلارنىڭ شەھەر سىرتىدىن كەلگەن تىبەتلەرنى قوبۇل قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان. خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭپاۋ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2-ۋە 3-ئايدا تىبەتكە بارماقچى بولغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە ۋىزا بېرىشنى توختىتىش بىلەن بىرلىكتە، تىبەت كالېندارىدىكى يېڭى يىل بايرىمى مەزگىلىدە بىرەر ۋەقە چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بولسا ھازىر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىچۈەننىڭ گەنزى رايونىدا بارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قاتتىق قامال قىلىش بىلەن بىرگە يەنە تىبەت ئاپتونوم رايونىدا ئەسكەر كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەركىزى لوندوندىكى ئەركىن تىبەت تەشكىلاتى نامايىش پارتلىغان دۈشەنبە كۈندىن بۇيان خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تىبەت نامايىشچىلىرىنىڭ 7 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ھازىر ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھەرقايسى غەرب ئەللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينىڭ تىبەتلىك نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت