جۈمە كۈنى تىبەتلەر بىلەن خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى ئارىسىدا يەنە توقۇنۇش يۈز بېرىپ بىر ئادەم ئۆلدى

جۈمە كۈنى، سىچۈەننىڭ تىبەتلەر رايونىدا خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى بىلەن يەرلىك تىبەتلەر ئارىسىدا يەنە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئۆلگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-01-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ، مۇشۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان مەزكۇر رايوندا يۈز بەرگەن 3-قېتىملىق توقۇنۇشتۇر. توقۇنۇش خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقاتقان بىر تىبەت ياشنى تۇتقۇن قىلماقچى بولغانلىقى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان.

مەركىزى لوندوندىكى ئەركىن تىبەت تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تارپا ئىسىملىك بۇ تىبەتلىك ياش سىچۈەننىڭ ئابا رايونىدا تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىپ، «تىبەت ئەركىنلىككە ئېرىشمىگىچە ۋە دالاي لاما تىبەتكە قايتمىغۇچە ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىنىڭ توختىمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تارپا تەشۋىقات ۋەرەقىسىدە ئۆزىنىڭ ئىسمى ۋە رەسىمىنى ئېلان قىلىپ، ئەگەر خىتاي دائىرىلىرى خالىسا كېلىپ ئۆزىنى قولغا ئالسا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى كەيت ساندېرس، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ تارپانى قولغا ئېلىشى تىبەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ كىشىلەر توپىغا ئوق چىقىرىپ، ئۇرگېن ئىسىملىك 20 ياشلاردىكى بىر تىبەت ئوقۇغۇچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدىن كېيىن بۇ رايوننى پۈتۈنلەي تاقىغان. تىبەتلەرنىڭ ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى سىچۈەن گارزې ئوبلاستىنىڭ دراگو ناھىيىسىدىن باشلانغان نارازىلىق ھەرىكىتى مۇشۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت