خىتاي دائىرىلىرى تىبەتتىكى كادىرلىرىدىن «ئۇرۇشقا تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇش» نى تەلەپ قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى تىبەتتىكى كادىرلاردىن مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن «ئۇرۇشقا تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-02-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم رەھبەرلىرى چارشەنبە كۈنى چاقىرغان يىغىندا «دالاي گۇرۇھىدىكىلەر بىلەن بولغان كۈرەش ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ۋە بەزىدە ئىنتايىن ئۆتكۈر بولغان بىر كۈرەشتۇر» دېگەن ئىبارە ئىشلىتىلگەن ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر «ئۇرۇشقا تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن. ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى يەنە خىتاي دائىرىلىرى تىبەتتىكى 6 ئەمەلدارىنى خىزمەتتىن ئېلىپ تاشلىغان.

تۈنۈگۈن دۇنيا مىقياسىدا، تىبەتلىكلەر نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان پەيتتە يەنە بىر تىبەتلىكنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر كەلگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتتىكى ۋەقەلەرنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقى خەلقئارا جامائەتنىڭ نارازىلىقى قوزغىماقتا.

بۈگۈن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.

ئۇلار باياناتلىرىدا، خىتاينىڭ تىبەتلىك نامايىشچىلارغا قارشى قوللانغان ھەرىكەتلىرى خىتاينىڭ «تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دەپ ئەسكەرتتى. شۇنداقلا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىر تىبەتتە ھەربىي كۈچىنى كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ تېخىمۇ ئېغىر تراگېدىيىلەرگە يول ئېچىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت