خىتاي «تىبەتلەر ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق بىزنىڭ سىياسىتىمىزنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ» دېدى

بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرى تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ تىبەتكە قاراتقان سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش ياسىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى مىللىي بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ ۋېيچۈن جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، دالاي لاماچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتكە قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىگە ھەرگىز يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«مەن شۇنى ئوچۇق قىلىپ ئېيتالايمەنكى، ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتى قايتا يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ، بۇ بىزنىڭ تىبەت رايونىغا قاراتقان سىياسىتىمىز ۋە دالاي لاما سېپىدىكىلەرگە بولغان پوزىتسىيىمىزنى ھەرگىز ئۆزگەرتەلمەيدۇ.»

خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن چەتئەللەردىكى تىبەت ھەرىكىتىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت بىلەن 2010-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان، ئەمما ئۇچرىشىشتىن ھېچقانداق بىر نەتىجە چىقمىغان ئىدى. جۇ ۋېيچۈن ئەنە شۇ ئۇچرىشىشتا يەر ئالغان ئىسىملارنىڭ بىرى. ئۇ، جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىز ئاياقلىشىشى ۋە سۆھبەتنىڭ قايتا ئېلىپ بېرىلماسلىقىغا «دالاي لامانىڭ قاتتىق ۋە مەنتىقىسز پوزىتسىيىسى» نىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە «خىتاي دۆلىتى ھەرگىزمۇ سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ ساڭگەي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.

چەتئەللەردىكى تىبەت ھەرىكىتى كۆزەتكۈچىلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدە بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا پەقەت خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياپ، ۋاقىت ئېلىش ئۈچۈنلا بۇ سۆھبەتكە ماقۇل بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت