خىتاي ھەربىلىكتىن چېكىنگەن بىر تېبەتلىكنى تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىك ئورنىغا قويدى

خىتاي دائىرىلىرى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ ھەربىلىكتىن چېكىنگەن بىرسىنى تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىك ئورنىغا قويدى. ئانالىزچىلار بۇ خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىنىڭ رادىكاللىشىدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-01-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھەربىلىكتىن چېكىنگەن سابىق ئوفىتسىرى پادما چولىڭ جۈمە كۈنى قەسەم بېرىپ، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان.

پادما چولىڭدىن بۇرۇن تىبەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان چياڭبا پونسوگ بولسا تىبەت ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرىلىك ۋەزىپىسىگە قويۇلدى. تىبەت خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇرۇنقى مۇدىرى لېگچوگ بولسا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

بۇ 2008 ‏- يىلى 3 - ئايدا لخاسا ۋەقەسى پارتىلىغاندىن بۇيان تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىش خىتاي دائىرىلىرىنى تىبەتتىكى سىياسىي كونتروللۇقنى بوشۇتۇش، دالاي لاما بىلەن ھەقىقىي مەنىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىۋاتقان بەزى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۆمىدسىزلەندۈرگەن.

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئالاقە ئىشلار مۇدىرى كېيت ساندېرس خانىم، تىبەتتىكى "بۇ يېڭى ۋەزىپە تەقسىماتى بېيجىڭنىڭ تىبەت رايونىدا ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن قارار قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھىچقانداق پاكىت يوقلۇقى"نى بىلدۈرگەن.

يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر، پادما چولىڭ يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە قويۇلغان تۇنجى ھەربىي ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ "14‏ - مارت لخاسا ۋەقەسى"دىن كېيىن خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا دالا لامانى تەنقىدلەيدىغان باياناتلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت