يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان تىبەتلىكلەر ئۇيغۇر پولوسى يېدى

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدىن 9 ئۇيغۇر تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ تىبەت ئېگىزلىكىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان يۇرتى چىڭخەيدىكى يۈشۇغا بېرىپ، چوڭ داش قازاندا پولو ئېتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا بىكارلىق پولو يېگۈزۈش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ تىبەت خەلقىغە بولغان كۆڭلىنى ئىپادىلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010-05-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان سۈرەتلىرىدە دوپپا كىيگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پولو تەييارلاۋاتقانلىقى، ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرغان كىشىلەرگە پولو بېرىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك خۇشاللىق بىلەن پولو يەۋاتقان تىبەتلىكلەر، جۈملىدىن بالىلار نامايەن قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئونسۇ ناھىيىسى تىنچلىق قاتناش شىركىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئەھەت توقسۇن باشلىق توققۇز ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 ئادەم ئونسۇ ناھىيىسىدىن تەييارلانغان ياردەم بۇيۇملىرى باسقان تۆت چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى ۋە ئىككى كىچىك ماشىنا بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىپ، يۈشۇغا يېتىپ كەلگەن.

مەزكۇر ئۇيغۇرلار چوڭ داش قازاندا پولو تەييارلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرنى تەمىنلەشنى باشلىغان ۋە قىسقىغىنا بىر قانچە كۈن ئىچىدە 3000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۇلارنىڭ پولوسىنى يېگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى قۇمۇللۇق ئۇيغۇر ناۋايلىرىنىڭ يۈشۇدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئاتاپ ياققان زور ساندىكى نانلىرىنىڭ ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

دالاي لامانىڭ يۇرتىدا يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنىڭ تىبەتلىكلەر ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇپ، دالاي لاما ئۇ يەرگە بېرىپ يۇرتداشلىرىدىن ھال سوراشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق رەت قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت