سىچۈئەندە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا ئاز دېگەندە 4 تىبەتلىك ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن

بۈگۈنكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 17 - ئاۋغۇست سىچۈئەندە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا ئەڭ ئاز دېگەندە 4 تىبەتلىك ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يەنە 30 ئادەم يارىدار قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-08-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رادىئومىز ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقە خىتاينىڭ سىچۈئەن ئۆلكىسى پاليۇل ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن. پاليۇل ناھىيىسى سىچۈئەندىكى كاردزە (گەنزى) تىبەت ئاپتونوم ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيە بولۇپ، تىبەت كىملىكىنى ئەڭ كۈچلۈك ساقلاپ قالغان رايونلارنىڭ بىرى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى مەزكۇر ناھىيە تەۋەسىدە كان ئاچماقچى بولغاندا تىبەتلەر بۇنىڭغا قارشى نامايىش قىلغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشچىلارنى قورال كۈچ بىلەن باستۇرغان. باستۇرۇشتا نامايىشچىلارغا قارىتا ئوق چىقىرىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، باستۇرۇشتا يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېغىر ئەھۋالدا بولۇپ، ئۇلار سىچۈئەن پايتەختى چىڭدۇغا يۆتكەلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى نارازىلىقى نامايىشلىرىنى ئەزەلدىن قانلىق باستۇرۇپ كەلگەن ئىدى. 2008 - يىلى تىبەت پايتەختى لخاسادا ئېلىپ بېرىلغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشتا خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ قورال كۈچى ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2009 - يىلىدىكى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى" دىمۇ ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان ۋە نۇرغۇن ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

تولۇق بەت