ئامېرىكا «مىڭ كۆزلۈك جانىۋار» ‏-تىك ئۇچار ياساپ چىقتى

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئامېرىكىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى رەسىم تارتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇچقۇچىسىز تىك ئۇچار لايىھىلەپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئا 160 تىپلىق ھەرە قۇشى تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى ئالاھىدە چۈشۈش-قونۇش يولى تەلەپ قىلمايدىغان بولۇپ، خالىغان يەردىن ھاۋاغا ئۆرلىيەلەيدىكەن ۋە قونالايدىكەن. بۇ ئۇچقۇچىسىز تىك ئۇچار باشقا تىك ئۇچار ئايروپىلانلاردا بولمىغان بىر ئالاھىدىلىك يەنى، ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچماي تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە.

بۇ تىك ئۇچارلارنىڭ رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولۇپ، تارتىلغان رەسىملەرنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ئادەتتە قول تېلېفونلاردىكى 2 مېگا پىكسېللىك كامېرالاردىن 900 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، قوماندانلىق مەركىزىگە سېكونتىغا 10 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم ئەۋەتەلەيدىغان بۇ خىل جاسۇسلۇق تىك ئۇچار ئايروپىلانى 6 كىلومېتىر ئېگىزلىكتە تۇرۇپ 168 كىلومېتىر دائىرىنى ۋە ئەڭ ئاز دېگەندە 65 نىشاننى بىرلا ۋاقىتتا كۆزىتەلەيدىكەن. شۇڭا بۇ خىل تىك ئۇچاردا ئىشلىتىلگەن كامېرا گىرىك ئەپسانىلىرىدىكى «مىڭ كۆزلۈك جانىۋار» غا ئوخشىتىلغان.

ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ تىك ئۇچارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا شتاتىدا سىناق قىلىنغاندىن كېيىن كېلەر يىلى 6-ئاي ئەتراپىدا ئافغانىستانغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت