خىتايدا چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تور بەتلىرى ئېچىلماس بولۇپ قالدى

خىتايدا نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ھارپىسىدا چەتئەل تور بەتلىرى تاقىۋېتىلگەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى تور ئارقىلىق س ن ن، ب ب س ۋە نورۋېگىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى ن ر ك قاتارلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ تور بەتلىرىگە كىرمەكچى بولغىنىدا بۇ تور بەتلەرنىڭ ئاللىقاچان ئېچىلمايدىغان قىلىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2010-12-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ خىل ئەھۋالنىڭ 10- دېكابىردىكى مۇراسىم ئالدىدا يۈز بېرىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەل تور بەتلىرىنى تاقىۋەتكەن بولۇشى ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرماقتا ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي نوبېل مۇكاپاتى ھارپىسىدا خىتايدىكى ئۆكتىچى زاتلار ۋە ليۇ شاۋبونىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بولغان تەقىب ۋە بېسىمنى ئاشۇرغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يەنە، بېيجىڭدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، ئىلمىي تەتقىقاتچىلار ۋە ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىسى بولمىغان بىر قىسىم تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىدا ئېچىلىدىغان "دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش" تېمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىشىنى توسىغان. ئەلچى سېرجى مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى "تولىمۇ بىچارىلەرچە ۋە شۇنداقلا نومۇسسىزلارچە بىر ھەرىكەت" دەپ، بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت