تورونتودا مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

كانادانىڭ تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى 8 - 11 - ئۆكتەبىرگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، ئامېرىكا، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن كەلگەن ياۋرو - ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك كەڭ دائىرىلىك تېمىلار بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ئالىملار بۇ يىغىنغا قاتناشقان. مەزكۇر خەلقئارالىق چوڭ يىغىندا مەخسۇس 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭمۇ بىر مۇنازىرە تېمىسى بولغانلىقى مەلۇم.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2009-10-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر جەمىيەتنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مۇنازىرە سورۇنىدا ئامېرىكا ئۇيغۇرشۇناسلىرىدىن ۋاشىنگتوندىكى جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جەيمىس مىللۋارد، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى شون روبېرتس، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى گاردنېر بوۋىڭدون ۋە باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تارىخ ۋە تىل ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىت مۇھاكىمە مەيدانلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە باشقا مۇھاكىمە ماقالىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلگەنلىكى مەلۇم.

مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى يىغىنى ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىگە ئائىت ئون نەچچە پارچە ماقالە ئوقۇلغان ۋە مەخسۇس ئىككى مۇھاكىمە مەيدانى تەسىس قىلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇرشۇناسلار تەربىيىلەنمەكتە ۋە مۇھاكىمىلەر داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت