توقسۇندىكى زېھنى ئاجىزلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىش ۋەقەسى سەۋەبىدىن 3 ئۇيغۇر جازالاندى

تۇرپاننىڭ توقسۇن ناھىيىسىدە ئاشكارىلانغان زېھنى ئاجىزلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىش ۋەقەسى سەۋەبلىك، توقسۇن ناھىيىلىك پارتكوم ناھىيىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي كادىرلاردىن 5 نەپىرىنى جازالىغان. جازالانغانلارنىڭ 3 نەپىرى ئۇيغۇر بولۇپ، بۇلار كۆمۈش بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئابدۇۋايىت خالىق، ناھىيىلىك ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىلھام ئابلىز، ئەمگەك نازارەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالىم قۇربان قاتارلىقلاردۇر.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2010-12-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۇرپان خەۋەرلەر تورىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ناھىيىلىك پارتكوم بۇ ھەقتە ھازىرغا قەدەر 4 قېتىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى، 3 قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن زېھنى ئاجىزلارنى ئىشلەتكەن زاۋۇت باشلىقى لى شەڭلىن پويىز بىلەن، لى چېڭلۇڭ 12 نەپەر زېھنى ئاجىزنى ئېلىپ ئاپتوبۇس بىلەن ئەسلى يۇرتى سىچۈەنگە قېچىپ كەتكەن. توقسۇن ناھىيىلىك ۋە سىچۈەن ئۆلكىلىك ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن مەزكۇر ئاتا-بالا جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلۇپ قاماققا ئېلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان مىڭلىغان قانۇنسىز ۋەقەلەرنىڭ، پەقەت ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىپ قالغان بىرسىدۇر. دىلشات رىشىت يەنە، خىتاي زاۋۇت باشلىقىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ كۆپرەك جازالىنىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى ئورنىنىڭ ئاجىزلىقى مەسىلىسى دەپ كۆرسەتتى.

تولۇق بەت