بۇ يىل قۇربان ھېيتتا تۇڭگانلار 4 كۈن، ئۇيغۇرلار 3 كۈن دەم ئالىدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا بۇ يىل قۇربان ھېيتتا، تۇڭگانلار 4 كۈن، ئۇيغۇرلار بولسا 3 كۈن دەم ئالىدۇ.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-08-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇلتۇر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھېيت-بايراملىق دەم ئېلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ روزا ھېيتتا بىر كۈن، قۇربان ھېيتتا بولسا 3 كۈن دەم ئالىدىغانلىقى بېكىتكەن بۇ تۈزۈم بۇ يىل بىرىنچى ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان؛ نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى بولسا، بۇ يىل قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشنى 4 كۈن دەپ ئۇقتۇرغان.

خىتايدا تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئوخشاش دىندىكى ئىككى مىللەتنىڭ بايراملىق دەم ئېلىشىدىكى بۇ پەرق، خىتايدىكى تۇڭگانلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىدىكى پەرقنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ يەنە بىر رەت ئېسىغا سالدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، تۇڭگانلار ئۈچۈن بەشتە ياخشى ئىمام ياكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات دېگەندەك ھۆكۈمەتكە بېقىندىلىق تەلەپ قىلىنمايدۇ.

نىڭشادا يەنە مەسچىتتە بايراق چىقىرىش، ساقال-بۇرۇت چەكلەش، ئاياللار يۈزىنى ئېچىۋېتىش دېگەندەك تۈزۈملەر ئىجرا قىلىنمايدۇ. كۆزەتكۈچىلەر، «ئۇيغۇر رايونىنىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن بولۇشىدەك بىر رېئاللىق ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ھەق-ھوقۇق چەكلىمىسىگە ئۇچرىشىشىغا سەۋەب بولماقتا» دەپ قاراشماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت