ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇرغۇت موڭغۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى خاتىرىلىدى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باينغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدە ياشايدىغان موڭغۇللار يېقىندا بايىنبۇلاق يايلىقىغا جەم بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ، ئات بەيگىسى قاتارلىق تۈرلۈك مىللىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، تۇرغۇت موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ رۇسىيىدىكى ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدىن مەزكۇر رايونغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەنلىكىنىڭ 240 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011-07-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر كۆچۈپ كېلىش تارىخى ئادەتتە خىتاي تارىخچىلىرى ۋە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «شەرققە قايتىپ كېلىش» دەپ ئاتالغان بولۇپ، تارىخىي مەلۇماتلار بويىچە ئالغاندا، مىلادى 17-ئەسىردە موڭغۇللارنىڭ جۇڭغار قەبىلىسىنىڭ خانىدانلىقى كۈچەيگەندە موڭغۇللارنىڭ تۇرغۇت قەبىلىلىرى بويسۇنۇشنى خالىماي، ئىلى-تارباغاتاي ۋادىلىرىدىن ۋولگا دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەتكەن.

بىراق بۇ ۋاقىتتا رۇس-سلاۋائىيانلارنىڭ موسكۋا خانلىقى كۈچىيىپ، ئىمپېرىيە دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ، 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن رۇسىيە تېخىمۇ كۈچەيگەن . ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدىكى تۇرغۇت موڭغۇللىرىنىڭ بىر قىسمى چاررۇسىيىگە بويسۇنۇشنى خالىمىغان، نەتىجىدە موڭغۇللار ئارىسىدا ئىككىگە بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ 170 مىڭ نوپۇسلۇق كۆپ قىسمى شەرققە كۆچۈپ كېتىش سەپىرىگە ئاتلانغان. ئەمما يەنە بىر قىسمى ئۆز جايلىرىدا قالغان.

چاررۇسىيە قوشۇنلىرى كۆچكەن تۇرغۇتلارنى قوغلاپ، ئۇلارنى ئۆز ئورنىدا قالدۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىر تەرەپتىن سوقۇشۇپ، بىر تەرەپتىن كۆچۈپ، ئاخىرى 70 مىڭ ئادەم 1771-يىلى ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىگە كۆچۈپ كېلىپ، ھازىرقى يەرلىرىگە ئورۇنلاشقان.

رۇسىيە قالغان تۇرغۇت قەبىلىلىرى قالماقلار دەپ ئاتالغان. بۇ قالماقلار ئۈچۈن 1920-يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ بېرىلگەن بولسا، 1943-يىلى ستالىن ئۇلارنى گىتلېر بىلەن ھەمكارلاشتى دەپ سۈرگۈن قىلغان ھەم ئۇلارنىڭ جۇمھۇرىيىتىنى بىكار قىلغان. 1958-يىلى، قالماق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئەسلىگە كەلگەن ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئاساسىي قانۇن، دۆلەت بايرىقى ئىگە ئايرىم جۇمھۇرىيەتكە ئايلانغان. قالماقلارنىڭ سانى ھازىر 150 مىڭ ئەتراپىدا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەزكۇر موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ كۆچۈپ كېلىشىنى «ۋەتەننى سۆيۈش ئۈلگىسى» سۈپىتىدە تەقدىرلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ نوپۇسى ئۇيغۇرلاردىن زور دەرىجىدە ئاز بولۇشىغا قارىماي، 1950-يىللاردا ئۇلارغا پۈتۈن تارىم ۋادىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 462 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر جاينى ئىگىلىگەن ئاپتونوم ئوبلاست قۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت