تۈركىيىدە 7.2 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيىنىڭ شەرقىدىكى ۋان شەھىرىدىن 19 كىلومېتىر يىراقلىقتا يەكشەنبە كۈنى 7.2 بال قاتتىق يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تۈركىيە يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئىنستىتۇتى تەخمىنەن 1000 يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۆرسەتكەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011-10-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  ئىستانبۇلدىكى كاندىلى يەر  تەۋرەشنى تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى مۇستاپا ئەردىك مەزكۇر يەر تەۋرەش ھادىسى ھەققىدە توختالغاندا 500 دىن 1000 غىچە ئادەمنىڭ ئۆلگەن بولۇشى ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.  بىراق خەۋەرلەردە 50 ئادەمنىڭ ۋان شەھىرىدىكى  دوختۇرخانىغا ئېلىنغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلارمۇ بار. ھازىرچە ئۆلگەنلەر ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلار مەۋجۇت بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 85 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋان شەھىرىدىكى بىر قىسىم بىنالار ۋەيران بولغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ بۇ بىنالارنىڭ ئاستىدا قالغانلىقى ئېنىق .  بۇ تۈركىيىنىڭ  يېقىنقى 10 يىللىق تارىخىدىكى   يەنە بىر قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەش ھادىسىسى  بولۇپ، 1999-يىلى ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت