تۈركمەنستان بىلەن خىتاي تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركمەنستان پرېزىدېنتى خىتايغا ئېكىسپورت قىلىنىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىنى 25 مىليارد كۇپمېتىر كۆپەيتىدىغانلىقىنى ھەم خىتايغا يىلىغا 65 مىليارد كۇپمېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆز مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011-11-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كېلىشىم چارشەنبە كۈنى تۈركمەنستان پرېزىدېنتى قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوفنىڭ بېيجىڭىكى 4 كۈنلۈك زىيارىتى مەزگىلىدە ئىمزالانغان. مەلۇم بولۇشىچە، تۈركمەنستان پرېزىدېنتى قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوف بىلەن خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ ئوتتۇرسىدا 16 تۈر بويىچە كېلىشىم ئىمزالانغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېنىرگىيە ئېھتىياجى بارغانچە ئېشىپ بارغان خىتاينىڭ، ئۆز تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنى مۇقىم ئېنىرگىيە بازىسى قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئافرىقا دۆلەتلىرىنىمۇ ئۆزىنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى رايونى قىلىۋالغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت