ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىۋاتقانلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلغان

ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەتەنپەرلىك تەربىيىسىدىن ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش مەيدانىدىكىلەرمۇ نېسىۋىسىنى ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونلۇق ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئىدارىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدا بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-10-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنجاڭ ئۆزگەرتىش تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇ ئارقىلىق ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىۋاتقانلار ۋە زەھەر تاشلىغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان ساداقىتىنى شۇنداقلا گۈزەل بىر شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى، پارتىيىنىڭ ھالقىما تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر ساھە، ھەر قاتلاملىرىدا " ۋەتەننى سۆيۈش" تەربىيىسى خىزمىتىنى كۈچەپ ئېلىپ بېرىپ، بۇنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلماقتا. ئۇلار ھەتتا ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي زاتلار ئارىسىدىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسىدا ۋەز - نەسىھەت ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان. مەسچىتتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ مۇسابىقە چەتئەللەردىكى دىنىي زاتلار ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت