34 نەپەر "مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى"نىڭ ئەزاسى تۈرمىدىن قۇتۇلدى

سابىق ب د ت ئاتوم ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ئەلبارادىنى پرېزىدېنت مۇبارەك بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان مىسىردىكى چوڭ سىياسىي پارتىيە "مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى "نىڭ 34 نەپەر ئەزاسى يەكشەنبە كۈنى تۈرمىدىن قېچىپ قۇتۇلغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر 34 ئادەمنىڭ ئىچىدە يەتتە نەپىرى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر يەتتە ئادەم قاھىرەدە يۈز بەرگەن نامايىشنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن مۇبارەك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر 34 ئادەم تۈرمىدىن قېچىپ قۇتۇلغان زور ساندىكى ئادەملەرنىڭ ئىچىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەن. ھازىرچە مەزكۇر قاچۇرۇش ۋەقەسىنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى نامەلۇم.

قاھىرەدىكى نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ سانىنىڭ 50 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ئېيتىلماقتا. نامايىشچىلار "مۇبارەك يوقال"، دەپ شوئار توۋلاپ، ئۇنىڭ 30 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت