ئۇچتۇرپاندا پىشمىغان كۆك بۇغداينى مەجبۇرىي ئورۇۋېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە مەجبۇرىي تېرىقچىلىق تۈزۈمى بۇ يىلمۇ داۋاملاشماقتا.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دائىرىلەر بۇ يىل دېھقانلارغا بۇغداي ھوسۇلىنى تېزدىن يىغىپ ئورنىغا قوناق تېرىشنى بۇيرۇغان ۋە بۇ پىلانىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا بىر تۈركۈم دېھقانلارنىڭ تېخى پىشمىغان كۆك بۇغدىيىمۇ ئورۇلۇپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ يىل بويى سىڭدۈرگەن ئەمگىكىنىڭ ھوسۇلىدىن مەھرۇم قالغان. بۇ ئەھۋال ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.

ئۇچتۇرپاننىڭ يېڭىئاۋات يېزا سۈرگۈن كەنتىدىكى دېھقانلار كۆك پېتى ئورۇۋېتىلگەن بۇغدايلىرىنى ھارۋىغا بېسىپ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە قاراپ ئېلىپ ماڭغاندا، يېزا باشلىقى دېھقانلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ دائىرىلەرنىڭ خاتالىقىنى بوينىغا ئالغان ۋە كۆك پېتى ئورۇۋېتىلگەن بۇغداينىڭ ھەر موسىغا 1000 يۈەندىن تۆلەم بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن زىيانغا ئۇچرىغان دېھقانلار ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە بېرىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش پىلانىدىن ۋاز كەچكەن.

بۇ ئەھۋالنى رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغان ئۇچتۇرپاندىكى بىر دېھقان، ئەگەر سۈرگۈن كەنتىدىكى دېھقانلار ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە بارغان بولسا، يەنە باشقا يېزىلاردىكى زىيانغا ئۇچرىغان دېھقانلارنىڭمۇ ئۇلارغا قېتىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامما ئىچىدىكى بۇ غەزەپ-نەپرەتنى بۇ نۆۋەت ئۇستىلىق بىلەن بېسىقتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت