ئۈرۈمچى ئايرودرومى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

خىتايچە خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى ئايرودرومى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېڭى تۇزۇم بويىچە، يولۇچىلارنىڭ ساپلىق(چاقلىق) قول چامادانىنى ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىشىغا يول قويۇلمايدۇ ۋە قولدا تۇتۇۋالىدىغان يۈكى 5 كىلوگرامدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. بۈگۈن خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تۈزۈم رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان. ئەمما خەۋەرلەردە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالمىغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆتكەن ئايدىكى خەۋىرىدە، 30-ئىيۇن كۈنى خوتەندە ئايروپىلان بۇلاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە 6 نەپەر ئۇيغۇردىن بىر نەپىرى مېيىپ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، بىر جۈپ ھاسا تاياقنى ئايروپىلانغا ئېلىپ چىققان. ئايروپىلان قوزغىلىپ 10 مىنۇت ئۆتكەندە، 6 نەپەر ئۇيغۇردىن ئۈچ نەپىرى ئۇچقۇچى ئولتۇرغان كابېنتقا ھۇجۇم قىلغان، ئەمما قوللىرىدىكى تاياق ئاجىز كېلىپ قالغاچقا، كابېنتقا بۆسۈپ كىرەلمىگەن؛ قالغان ئۈچ نەپىرى خىتاي ساقچى ۋە يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغان. ھايات-ماماتلىق خەۋپكە دۇچ كەلگەن خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرى 6 نەپەر ئۇيغۇرغا توپلىشىپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئايروپىلاننى بۇلاش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر خەۋەرنىڭ چىنلىقىغا گۇمان بىلەن قارىغان، بېزىلەر بولسا، ۋەقەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى بىر جاۋاب دەپ قارىغان. ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا ساپلىق چاماداننىڭ چەكلىنىشى، خىتاينىڭ مەزكۇر ئايروپىلان ۋەقەسىدىن دەرس ئالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىزدا پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، رايوندا ئامانلىقنى قوغداش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى توختىتىشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت