ئۈرۈمچى دائىرىلىرى نوپۇس تەكشۈرۈشتە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ ئەھۋالىنىمۇ ئىگىلىمەكچى

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى نوپۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۈرۈمچىدىكى مۇقىم، كۆچمە ۋە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالنى ئىگىلەپ چىقىدىكەن. شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك تەكشۈرۈشتە يەنە، ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ رەتلەپ چىقىشمۇ مۇھىم نۇقتا قىلىنىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-06-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش "تەشۋىق قىلىش، نوپۇسقا ئېلىنىش ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش" قاتارلىق 4 تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

نوپۇس تەكشۈرۈشتە ئۈرۈمچىدە دائىملىق تۇرىدىغان ئاھالىنىڭ ئەھۋالى، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەر، ھەربىي سەپتىن قايتقانلار، تۈرمىدىن مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىپ نوپۇسى تىزىمدىن ئۆچۈرۈلمىگەنلەرنىڭ ئەھۋالى ئاساسلىق ئېنىقلىنىپ تىزىمغا ئېلىنىدىكەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە يەنە، بۇ نۆۋەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈشتە مىللەت تەركىبى، كىملىك نومۇرى ۋە ئىسىم - فامىلىدىكى خاتالىقلارمۇ سېلىشتۇرۇپ چىقىلىدىكەن.

نوپۇس تەكشۈرۈش 21 - ئىيۇندىن 14‏ - ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ نۆۋەت ئۈرۈمچىدە باشلىنىدىغان نوپۇس ئېنىقلاش 2009 - يىلدىكى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ بىر يىللىقىغا توغرىلاپ ئېلىپ بېرىلدى. خىتاي دائىرىلىرى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دە ئاساسلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رولى چوڭ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇلارنى ئاساسلىق باستۇرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت