خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ۋە ئادەم تۇتۇش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ قاتتىق ۋە جىددىي ئېلىپ بارماقتا

خىتاي ئاخباراتلىرى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2009 - يىلى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان "جەمئىيەت مۇقىملىقنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش" ھەرىكىتى قاتتىق ئېلىپ بېرىلغان. بۇ جەرياندا خىتاي دائىرىلىرى، ئاقما نوپۇس ۋە ئۆي ئىجارىگە بېرىشنى تىزگىنلەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى يۈرگۈزگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-01-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يەرلىك ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ئۆتكەن يىلى نويابىردىن باشلاپ، ئىككى يېرىم ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت جەريانىدا، 16 مىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنى پاش قىلغانلىقى، 145 جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنى تار‏ - مار قىلغانلىقى، ئىنتېرنېتتا جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەردىن 552 ئادەمنى قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ھەمدە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان "قالايمىقان" ئورۇنلاردىن 1570 نى بايقىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 1994 - يىلىدىن بۇيان، "جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامنامىسى"نى يولغا قويۇپ، شۇ بۇيىچە ھەر يىلى "100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" نى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى.

2009 - يىلى 1 - نويابىردىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان "تۈزەش" ھەرىكىتىمۇ، خىتاينىڭ شۇ خىلدىكى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمى. ھالبۇكى خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى بۇ نۆۋەت ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن قاچقان گۇماندارلارنى قوغلاپ تۇتۇش ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نى بىر تەرەپ قىلىش پونكىتلىرىنى قۇرۇدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئالدىنقى ھەپتە رادىئومىز ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتكەن بىر ئاي ئىچىدە ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە غۇلجا قاتارلىق شەھەر، ۋىلايەتلەردە "تىنجىتىش ۋە ئادەم تۇتۇش"نى كەسكىن داۋاملاشتۇرغان.

غۇلجا شەھىرىدە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە ئالاقىدار لېنتىلارنى ساقلاش جىنايىتى بىلەن 10 ئادەمنى قولغا ئالغان. خىتاي ساقچىلىرى 25 - دېكابىردىن 30 - دېكابىرغا قەدەر قەشقەر شەھىرىدە ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ قەدىمىي كىتابلارنى يىغقان ۋە ئوت قويغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ نۆۋەت "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر، رايونلاردا تەكشۈرۈش ۋە ئادەم تۇتۇش ھەرىكىتىنى يىللاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق ۋە تېخىمۇ جىددىي ئېلىپ بارغان.

دىلشات رىشت بۇ ھەقتە توختىلىپ: "خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرىدا ئىلگىرى سۈرگەن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئاتالمىش دېلولارنى تەشكىل قىلىدۇ، ئەمما بىر مىللەتنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئىرادىسىنى بۇ خىلدىكى باستۇرۇش بىلەن پۈتۈنلەي يوقاتقىلى بولمايدۇ" دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت