خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ئورگانلىرى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىدىن 23 نى تۇتتى

ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى كېڭەش يىغىنى ئېچىلىشقا باشلىغان ھامان، خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ئورگانلىرى بۇرۇن شاڭخەي، گۇاڭجۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا پاش قىلىنغان زەھەرلىك چېكىملىك دېلولىرىغا چېتىلغان ئەتكەسچىلەردىن 23 نى تۇتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە زەربە بېرىش ھەققىدە داۋراڭ سېلىشقا باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-01-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2008‏ - يىلىدا خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پاش قىلغان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى دېلولىرى 749، ئولجا ئالغان خروئىن قاتارلىق ھەر خىل زەھەرلىك چېكىملىكلەر 26 كىلوگرامدىن ئارتۇق.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دېلولارغا چېتىلغان ئەتكەسچىلەردىن 852 نى تۇتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 23 ى چەتئەل تەۋەلىكىدىكى 'ئالتۇن ھىلال ئاي' زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى. ئۇلار زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى كەنپىت ياكى ئىخلاس ماركىلىق سۈت پاراشۇكى قاتارلىق يېمەكلىك قاپلىرىغا قاچىلاپ، ھەتتا گېلەم قىلىپ توقۇپ چىقىپ، ئۇنى قونجىراپتىن ئېلىپ كىرىشكە ئۇرۇنغان ئىكەن.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت